خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان پىيونېرلار، پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقان پىيونېرلار يېتەكچىلىرى ۋە پىيونېرلار خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، پىيونېرلار ئەترەتلىرى تەشكىللىك تەربىيەلەش، ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.
پىيونېرلار ئەترىتى بولسا، ئۆسمۈر بالىلار جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇشى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنىڭ زاپاس ئەترىتى بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردە پىيونېرلار چوقۇم ۋەتەننى، خەلقنى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈپ، يۈكسەك غايە تىكلەپ، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، ساغلام بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ئەمگەك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ