مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

− شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

2019.09.25 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  پۈتۈن جاھان بىللە تەبرىكلەپ، ھەممە جاي شاد-خۇراملىققا چۆمدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، بىز شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق. شىنجاڭنىڭ كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چېھرى تەبەسسۇمگە تولۇپ، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەلبى پارلىدى.

  ھەيۋەتلىك قۇرۇم تاغلىرى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولماقتا؛ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. 70 يىلدىن بۇيان، ھەممە يەرنى قايتا قۇرۇشتىن ھەممە ئىش روناق تاپقىچە، كىيىم-كېچەك پۈتۈن بولماسلىق، قورساق تويماسلىقتىن بەختلىك، ئامان-ساغلام بولۇشقىچە، چەت-بېكىنمىچىلىكتىن يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىشكىچە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 30 ياشتىن 2018-يىلىدىكى 72.35 ياشقا ئۇزارتىلدى؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952-يىلىدىكى 166 يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 49 مىڭ يۈەنگە يەتتى... سانلىق مەلۇماتلار، ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، مۇھىتىنىڭ گۈزەللىكى، چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ مۇستەھكەملىكىدەك گۈزەل مەنزىرىلەرنى سىزىپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق − ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چۆرىدەپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتتى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىگەندىلا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاپ، مۇستەھكەم تىرەك بولغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن ياردەم بەردى. 2010-يىلىدىن بۇيان، 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جەمئىي 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ياردەم قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە 80 مىڭدىن ئارتۇق كادىر ئەۋەتتى. «قان بېرىش»تىن «قان ئىشلەش»كىچە شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىلىپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشنى زور دەرىجىدە تېزلىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئەتىكى شىنجاڭ ئۈمىدكە تولىدۇ.

  تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش. مەيلى قۇربان تۇلۇمنىڭ «ئىشەك مىنىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭنى يوقلىغىلى بېيجىڭغا بېرىشى»دەك تارىخىي داستان بولسۇن، ياكى بۈگۈنكى كۈندە يەتتە مىللەتتىن بولغان 88 پايچىك ئاچقان «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئاشخانىسى سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشى بولسۇن، ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى ئىكەنلىكىنى جاكارلىماقتا. ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ دەل بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش. توغرا بولغان ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىگە بولغان تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرغاندا گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقتا تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ