شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.10.14 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- چېسلا كاتماندۇدا نېپال زۇڭلىسى ئوللې بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال ئەزەلدىن ياخشى قوشنا، ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلاردىن. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن نېپال دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. تۈنۈگۈن، مەن زۇڭتۇڭ بەندالى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدۇق، ئۇنىڭ پىرىنسىپى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىشتۇر. جۇڭگو نېپال بىلەن جۇڭگو-نېپال دوستلۇق ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ۋە جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ