خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 13- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن بولغان 2- قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىش ۋە نېپالغا بولغان دۆلەت ئىشلىتى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشلىقى خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىرگە يېتىپ كەلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 13- چېسلا چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن كاتماندۇدىن ئايرىلدى. مىليونلىغان نېپال خەلقى ئۆزلۈكىدىن كوچىغا چىقىپ، ئايرودرومغا بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جۇڭگو- نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتقان ھالدا، بەزىلىرى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ بەندالىنىڭ سۈرىتى ۋە «جۇڭگو-نېپال دوستلۇقى ياشىسۇن» دېگەن شۇئارىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا ۋە بەزىلىرى نېپال مىللىي چالغۇلىرىنى چېلىپ، يەنە بەزىلىرى داقا- دۇمباق چېلىشىپ، ناخشا ئېيتىشىپ ۋە لەرزان ئۇسسۇل ئوينىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي ئېھتىراملىرىنى بىلدۈرۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ