شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.12 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئۆكتەبىر جىننايدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ماشىنا بىلەن مېھمانخانىدىن ماخابالىپۇرام قەدىمىي ئىبادەتخانىسى توپىغا قاراپ ماڭدى. يولبويى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، ھەر ساھەدىكى سان-ساناقسىز ئامما ۋە ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، يولبويى قارشى ئالدى، مىللىيچە كىيىنگەن ياش ئەر-ئاياللار دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى.

  مودى كىرىش ئېغىزىدا قارشى ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ جىننايغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ۋۇخەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا باشلاپ كىردۇق. مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە بىنائەن ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىل ناد ئىشتاتىغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ھىندىستانغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

  ماخابالىپۇرام قەدىمىي ئىبادەتخانىسى مىلادىيە 7-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە سېلىنغان بولۇپ، ئاجۇنا تاش ئويمىسى، بەش جەڭ ھارۋىسى ئىبادەتخانىسى، دېڭىز قىرغىقى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مودى شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە ئۆزى چۈشەندۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ سۆھبەتلىشىپ بىر- بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشى ھەققىدە پاراڭلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ