شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى سوگاۋالې بىلەن كۆرۈشتى

2019.10.10 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئۆكتەبىر دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى سوگاۋالې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ياخشى ئىش. سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىڭىز ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. سولومون تاقىم ئاراللىرى گەرچە جۇڭگو بىلەن ئەمدىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن دوستلۇق ئىلگىرى-كېيىنلىك دەپ ئايرىلمايدۇ، پەقەت قانات يايدۇرۇلسىلا، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولىدۇ. بىز سولومون تاقىم ئاراللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتەك تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ياخشى قەدەم تاشلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ