مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.10.12 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2019-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا رەقەملىك ئىقتىساد كۆرگەزمىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، رەقەملىك ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋەكىللەرنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ