ھەر مىللەت خەلقىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرايلى

2019.09.29 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇيۇشقاقلىقى تېخىمۇ زور تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

  چوڭقۇر ئۈمىد جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش جۈرئىتىنى مۇجەسسەملىدى؛ سەمىمىي غەمخورلۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولسا تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئۇل تېشىدۇر. جۇڭگو ئەزەلدىن بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى دەل ھەر مىللەت خەلقى ئۈزلۈكسىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىگەن تارىخ. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى بىرلىكتە ئېچىپ، ئۇزاق جۇڭگو تارىخى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ قىياپىتى، مىللىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلمىسا، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى بولمايدۇ؛ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى بولمىسا، مىللەتلەر گۈللىنىپ تەرەققىي قىلالمايدۇ.

  70 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ، 70 يىللىق تەجرىبىلەرنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇرەككەپ ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز تېخىمۇ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق سىزىقىنى چىڭ ساقلىشىمىز، مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك... ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشتەك ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئۇلۇغ ۋەتەن − جۇڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئورتاق گۈزەل تاغ-دەريالىرى؛ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى − 56 مىللەتنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان ئارزۇسى. 70 يىل ئىلگىرى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى جۇڭگونى بىرلىكتە بەرپا قىلغان؛ 70 يىل جەريانىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى قۇياش نۇرىغا ئوخشاش تۇرمۇشىمىزنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچ بىلەن، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چوقۇم بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قەلبداش بولۇپ، ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشتىن ئىبارەت دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ