شى جىنپىڭ ھىندىستانغا بېرىپ جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ھەمدە نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن

ھىندىستاننىڭ جىننايغا يېتىپ باردى

2019.10.12 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئۆكتەبىر مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن جىننايغا يېتىپ بېرىپ، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان جىنناي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ بۆلۈمچىدىن چىققاندا ھىندىستان تەيمىرناد ئىشتاتىنىڭ باشلىقى پروشىت، باش مىنىستىر نىسۋامى قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قارشى ئېلىپ، شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. مىللىيچە كىيىم كىيگەن يەرلىك ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، بەزىلىرى مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بورودو ئۇسسۇلى ئوينىدى، بەزىلىرى ياغاچ پۇت، قولۋاق ئويناپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ئايرودۇرۇمدىن شەھەر رايونىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئامما كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭلى مودىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، «جۇڭگو-ھىندىستان دوستلۇقى»غا تەنتەنە قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ