خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبادا يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى دىياس كانېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كۇبا مەملىكەتلىك 9- نۆەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلتىيى پەۋقۇلئاددە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ھەمدە دۆلەت رەئىسى سايلاپ چىقىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-كۇبا ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، جۇڭگو بىلەن كۇبا ھازىر سەمىمىي ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەقدىرداش ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ ۋە ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، 1- شۇجى رائۇل كاسترو بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇق ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-كۇبا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايمەن. رەئىس دىياس كارنېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشترۇپ، جۇڭگو-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ