مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.10.09 15:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەت قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى (تۈزىتىش لايىھەسى)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەمۇرىي نىزام تۈزۈپ، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  يىغىندا «سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى (لايىھە)» ماقۇللىنىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجى چۆرىدىلىپ، دىققەت ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىكى ئۈنۈملۈك تەجرىبە، ئۇسۇللار قانۇن-نىزامغا ئۆستۈرۈلدى ھەمدە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى ئاساسىي تۈزۈم ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بىرىنچىدىن، ھوقۇقنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنگە بېرىش كېرەك. بازار ئىجازىتىنى داۋاملىق قويۇۋېتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، «كىنىشكا بىلەن ئىجازەتنامىنى ئايرىش» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا قۇرۇش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى قىسقارتىش كېرەك؛ جايلار كارخانا قۇرۇشقا چېتىلىدىغان كىنىشكا، باج بېجىرىش، بانكا ھېساباتى ئېچىش، ئېلېكتىرۇن تورىغا ئۇلاش قاتارلىقلارنىڭ بېجىرىش ۋاقىت چەكلىمىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش، بېجىرىش ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە قارىتا بېجىرگۈچى ئورۇنلار سەۋەبىنى ئاشكارا چۈشەندۈرۈشى كېرەك. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش، سودا قىلىش ۋە باج تاپشۇرۇشنى بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، تەڭ بېجىرىش يولغا قويۇلىدۇ. مەمۇرىي ئىجازەت ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يەنىمۇ ئىخچاملاشتۇرۇلىدۇ، ھەقىقەتەن ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك ئىجازەت، ئىسپات قاتارلىق ئىشلاردا ئۇقتۇرۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىدىن مەمۇرىي ئىجازەت تەسىس قىلىش قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ، ئومۇمەن يېڭىدىن تەسىس قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ دەلىللەش ۋە تەستىقلاش شەرت. ئىككىنچىدىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىدا «ئىككىدە ئىختىيارىي، بىردە ئاشكارا بولۇش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە قارىتا كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بازار سۇبيېكتلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ