مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كۆپ كىتاب ئوقۇش يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن

2019.09.23 16:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكا تېببىي ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان، كۆپ دۆلەت ئالىملىرى بىرلىشىپ تاماملىغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، كۆپ كىتاب ئوقۇش، تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇش ___ پۈتۈن ئامىللىق ئۆلۈم، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلۈش ۋە راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپىنى ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا ياردىمى بولىدىكەن.

  مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئاسىيا نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىگە كۆرسىتىدىغان كونكرېت تەسىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىندىئانا داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ياڭ كېمىڭ، نېبراسكا داشۆسى تېببىي ئىلىم مەركىزى بىيوئىستاتىستىكا ئىلمى تەتقىقاتچىسى جاڭ يىڭ ۋە ياپونىيە مەملىكەتلىك راك كېسىلى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سائىتو ئېيكو قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر نوپۇس ئاساس قىلىنغان 15 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىنى جەملەپ تەھلىل قىلدى. بۇ تەتقىقات 694 مىڭ ئاسىيالىققا چېتىلىدىغان بولۇپ، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 53.2 ياش، بۇنىڭ ئىچىدە %50.2 ئادەمنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۆۋەن، %9 كىشى ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مائارىپنى قوبۇل قىلغان.

  12.5 يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، سىناققا قاتناشقان 103 مىڭ كىشى ئۆلۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر 34 مىڭ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر 35 مىڭ. تەتقىقاتچىلار تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، مائارىپ سەۋىيەسى بىر قەدەر تۆۋەن (باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن) بولغان سىناققا قاتناشقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلارنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى روشەن ھالدا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزگەن ۋە ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى ئايرىم-ئايرىم %12، %19 ۋە %29 تۆۋەن بولغان؛ راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى ئايرىم-ئايرىم %7، %14 ۋە %19 تۆۋەن بولغان؛ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىلەن ئۆلۈش خەۋپ-خەتىرى ئايرىم-ئايرىم %12، %23 ۋە %33 تۆۋەن بولغان. جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك كىتاب ئوقۇغاندا ئومۇمىي ئامىللىق ئۆلۈش خەۋپىنى %28 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن؛ جەنۇبىي ئاسىيادا بۇ نىسبەت %39كە يېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبكە باغلىق بولىدۇ. مەسىلەن، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئورنىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ، ساغلاملىق ئېڭى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ مۇمكىن بولىدىغىنى ئىلمىي ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇلىنى چۈشىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ