مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىچە «ئىنسانىي ھوقۇق قارتى» جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ

2019.10.10 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ 28 ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئېكسپورتنى باشقۇرۇش ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكىگە كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو پەن-تېخنىكا كارخانىسىدىن سەككىزى بار.

  ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئىزچىل ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەش ۋە ئۇنى چەكلەشتىكى سىياسىي قورالى بولۇپ كەلدى. ھە دېسىلا جۇڭگوغا «كىشىلىك ھوقۇق قارتى» ئويناش ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى» بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە زور كۈچ بىلەن بىلجىرلىشى يەنىلا پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشتەك ئىزچىل يۈرۈشلۈك قىلتىقىدىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ مەسىلىسىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەممىدىن بەك سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، شىنجاڭدا ئامېرىكا تەرەپ كۆرسەتكەن ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. بۈگۈنكى شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى، 2014- يىلىدىن 2018-يىلىغىچە جەمئىي 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 1 مىليون 400 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى... ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىم بولدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەممىگە ئايان، ھەرقانداق ئادەم يوققا چىقىرالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق دەل ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ھوقۇق، بۇ پۇختا ئاساس بولغاندىلا، ھەممە كەسىپلەر روناق تاپىدۇ، پۇقرالار خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالايدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى تېخىمۇ ياخشى قوغدىلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.

  ھالبۇكى، ئامېرىكا بۇ ئاساسىي پاكىتلار ۋە لوگىكىنى كۆرمەسكە سېلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ھەدەپ تۆھمەت قىلىپ، سەۋەبسىز ئەيىبلەپ، قۇپقۇرۇق ئامېرىكىچە «ئىنسانىي ھوقۇق قارتى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق ئۆكتەملىك قىلىش ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئۈچۈن قەستەن باھانە تېپىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا كاشىلا قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىق بولىدۇ.

  بۇ ئامېرىكىچە «كىشىلىك ھوقۇق قارتى» ئامېرىكا قانۇنىنى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ماشىنىسى ۋە مەمۇرىي تەدبىرىنى قوللىنىپ بىر تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى، خەلقئارا جەمئىيەت بەس-بەستە بۇنىڭغا «ياق» دېدى. ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42-قېتىملىق يىغىنىدا، 50كە يېقىن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپلىك جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى، ئاشكارا زوراۋانلىق سىياسىيسى ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

  ئامېرىكا ئەزەلدىن ئۆزىنى «كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» دەپ تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ، قول چىراغ ئەزەلدىن باشقىلارنىلا يورۇتۇپ ئۆزىنى يورۇتمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا دائىم ئۇنى-بۇنى دەيدۇ، بىراق ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەزەلدىن تىلغا ئالمايدۇ، «ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق»نىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ساختىلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا ئارقا-ئارقىدىن ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى. كۆپ يۈز بېرىدىغان ئوققا تۇتۇش دېلولىرىدىن باشقا، ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش، جىنسىي كەمسىتىش، دىنىي كەمسىتىش، كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىلىرى كۆپ ھەم ئېغىر بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ياخشى داۋالىماي، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ باشقىلارنى ئەيىبلەيدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ مەسخىرە.

  يول تاپقانلارغا ھەممەيلەن ھەمدەم بولىدۇ، يولسىزلار ھەمدەمسىز قالىدۇ، ئامېرىكىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق قارتى» دىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ پاكىت ئاساسى يوق، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت جەھەتتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، سۈيقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقاندا، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جۇڭگو زېمىنىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ، ھەممە ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، ھەر مىللەت خەلقى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىنى باشلىدى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ