مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىش ئاسراشتىكى يەتتە بىلىم

2019.09.20 16:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىرىنچى، ئالما، سەۋزىنى كۆپرەك چايناش كېرەك. چۈرۈك يېمەكلىكلەر چىش چوتكىسىغا ئوخشاش چىشنىڭ داغلىرىنى تازىلاشقا پايدىلىق. ئادەتتە يەنە تەركىبىدە كالتسىي، ۋىتامىن D ۋە ئومىگا 3 قاتارلىقلار بار يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگەندە، چىش ۋە چىش مىلىكىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، مەسىلەن، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، ئاپېلسىن تۈرىدىكى مېۋە-چېۋە، سالمون بېلىقى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى، تەركىبىدە كىچىك سودا بار چىش پاستىسىنى تاللاش لازىم. مۇتەخەسسىسلەر ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش، ئەڭ ياخشىسى ھەر ۋاقلىق تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش تەكلىپى بېرىدۇ، بۇ چىش بىلەن چىش مىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى يېمەكلىك ۋە باكتېرىيە دېغىنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. ئاجىز ئىشقارلىق سودا زىيانلىق كىسلاتالارنى ئۈنۈملۈك نېيتراللاشتۇرۇپ، داغلارنى تازىلاپ، چىش ئېمال ماددىسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ. يۇمشاق تۈكلۈك چىش چوتكىسى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ھەر بىر چىشنى چوڭقۇر تازىلاشقا بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، چىش يىپى ئىشلىتىش كېرەك. چىش يىپى چىش چوتكىسى يېتىپ بارالمايدىغان چىش، چىش مىلىكى يوچۇقلىرىنى تازىلاپ، قۇرت يېگەن چىش ۋە چىش مىلىكى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتىن كېيىن، ئالدى بىلەن چىش يىپى بىلەن چىشنى تازىلاپ، ئاندىن چىش چوتكىلاش تەكلىپىنى بەردى.

  تۆتىنچى، تاماكا تاشلاش كېرەك. ھەرقانداق تاماكا بۇيۇمى ئېغىز بوشلۇقى توقۇلمىلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ ھەمدە چىش رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. تاماكا يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، چىش مىلىكى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، چىش ۋە چىش مىلىكى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ساقىيىشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ.

  بەشىنچى، ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش كېرەك. ھەر كۈنى رېتسېپسىز ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىش يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، چىش باكتېرىيە دېغىنى ئازايتىپ، چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ياكى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئالتىنچى، ھەر يىلى ئىككى قېتىم چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش لازىم. چىش دوختۇرى دەسلەپكى چىش مىلىكى كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىيالايدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋاقتىدا داۋالاشقا بولىدۇ، يەنە كالتسىيلاشقان قاتمىلارنىڭ چىشتىكى دېغىنى تولۇق تازىلىيالايدۇ.

  يەتتىنچى، كۆپرەك سۈت ۋە سۇ ئىچىش لازىم. ئادەم بەدىنىدىكى %95 تىن يۇقىرى كالتسىينىڭ ھەممىسى سۆڭەك ۋە چىشتا بولىدۇ، سۈت ئىچكەندە كالتسىي تولۇقلاپ، چىش ۋە سۆڭەكنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچكەندە يېمەكلىك ۋە باكتېرىيەلەرنى ئېقىتىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ تاماقتىن كېيىن چىشقا يېپىشىۋېلىپ كىسلاتا پەيدا قىلىپ، چىشنى چىرىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاشقا ياكى چىش يىپى ئىشلىتىشكە بولمىسا، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشمۇ ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ