مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى چوڭقۇر ھىسسىيات ۋە مەنىلىك سۆزلەر بىلەن تولغان

ئاۋمېندىكى ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياجانلىرى ھەسسىلەپ ئاشتى

2019.10.08 15:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭياڭ بايرىمى كۈنى، ئاۋمېن قوشنىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ يىجۈن مەركىزى ياشانغانلار خالىسانە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ياشانغان 30 كىشى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس قوزغالدى.

  10- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فۇ زىيىڭ مەھەللە مۇلازىمەت بىناسىغا كېلىپ، يىجۈن مەركىزىدىكى ياشانغانلار ۋەكىللىرىگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇ جاۋاب خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. قوشنىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە يىجۈن مەركىزىدىكى ياشانغانلار ۋەكىللىرى ئۇ جاۋاب خەتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

  فۇ زىيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى چوڭقۇر ھىسسىيات ۋە مەنىلىك سۆزلەر بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ، چوڭلارغا ئېلىپ كېلىنگەن چۇڭياڭ بايرىمىلىق ئەڭ ياخشى سوۋغا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەم شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوشنىلار باش ئۇيۇشمىسىنىڭ يىجۈن مەركىزىدىكى ياشانغانلار ۋە پۈتۈن ئاۋمېندىكى ياشانغانلارغا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر ھىسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، قوشنىلار باش ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ مۇھىم روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ كۈتۈنۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي مۇلازىمەتنى ياخشى يولغا قويۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئاۋمېننى سۆيۈش روھىغا زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرگەي.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ