مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندىستانغا بېرىپ، جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.10.10 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 9-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودى ۋە نېپال زۇڭتۇڭى باندارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئۆكتەبىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە ئايرىم- ئايرىم ھىندىستان ۋە نېپالغا بېرىپ، جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 9-ئۆكتەبىر جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لو جاۋخۇي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا ھىندىستانغا بېرىپ، جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەمدە نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  لو جاۋخۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ۋە نېپال زۇڭتۇڭى باندارىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 11-ئۆكتەبىردىن 13- ئۆكتەبىرگىچە ئايرىم-ئايرىم ھىندىستان جىننەيگە بېرىپ، جۇڭگو-ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ 2-قېتىملىق بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ، نېپالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىگەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ 23 يىلدىن كېيىن يەنە نېپالدا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، جۇڭگو-ھىندىستان، جۇڭگو-نېپال، ھەتتا جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، رايون ئالاقىسى ۋە ئىقتىساد-سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، رايون خەلقىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ