مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنى چوقۇم يۈكسەلدۈرۈش كېرەك

2019.09.20 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئىقتىسادى ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەيدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەيلى قاچان بولسۇن، ئۇ ئەمەلىي ئىقتىساد دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. «ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئاساسى، ئەمەلىي ئىقتىساد ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ دەسمايىسى، كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم تىرىكى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى ئۇللۇق ئورنىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش» مۇھىم يوليورۇقىنى بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئەمەلىي ئىقتىساد بىر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ۋە بايلىق مەنبەسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرى قويدى. «ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇش شەرتى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن «تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشكە ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە قارىتىلىشى»غىچە، ھەمدە «پۇل مۇئامىلىدە ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىش»قىچە، بىز «قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش» ئىرادىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق.

  بىر دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىش كېرەك. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، بەزى دۆلەتلەردە كىرىم پەرقى چوڭىيىپ كېتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر كۆپىيىپ كېتىش، كۆك ياقىلىقلار ئىشسىز قېلىش قاتارلىق زىددىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭدا ئەمەلىي ئىقتىساد زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، كەسىپلەر بوش قالغان. دۆلىتىمىز بولسا بىر چوڭ دۆلەت، شۇڭا، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىشكە بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، ئادەم كۈچى بايلىقى ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتكەندىلا، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى قىلغىلى بولىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئىستېمال، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق، ھەمدە ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا بولىدىغان ئىقتىساد، زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، ئادەم كۈچى كاپىتالى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى نۇقتا شەكىللەندۈرۈپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگو ئىجادىيىتىگە، جۇڭگو سۈرئىتىنىڭ جۇڭگونىڭ سۈپىتىگە، ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىدىن ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، تۈرلۈك سودا تەننەرخىنى، بولۇپمۇ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، سۇبيېكتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلمەكتە، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى پۇرسەت ياراتتۇق. ئەگەر ئەمەلىي ئىقتىسادنى قويۇۋەتمەي، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ گۈللەندۈرسەك، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇشتىن سۈپەت كۈچلۈك بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇشىغا چوقۇم تۈرتكە بولۇپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى پۇختا ئىشقا ئاشۇرالايمىز .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ