مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دائىم پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنى كۆپ

ناچار ئادەتنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟

2019.09.17 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادەتلەنگەن ھەرىكىتى، نۇرغۇن دوختۇرلارمۇ بۇنىڭ ئۆزگەرتىش ناھايىتى تەس ناچار ئادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دائىم پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش بەدىنىمىزگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ بىز بۇ ئادەتنى قانداق ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك؟

  دائىم پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ئاساسلىقى بەدىنىمىزگە تۆۋەندىكىدەك زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ:

  بىرىنچى، مۈرە ئېگىز-پەس، پۇت ئۇزۇن-قىسقا بولۇپ قالىدۇ

  ئادەم پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش جەريانىدا پەقەت بىرلا پۇتى ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق بولغاندا بەل ئومۇرتقىسى ۋە ئومۇرتقا ئېغىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۈرە ئېگىز-پەس، پۇت ئۇزۇن-قىسقا بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يىل بويى خاتا ھالەتنى ساقلىغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى بەرداشلىق بېرىدىغان يۈكنى زىيادە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بويۇن ئومۇرتقىسى قىسمى چېكىنىشى مۇمكىن، ھەتتا سۆڭەك تىكىنى شەكىللىنىپ، ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.

  ئىككىنچى، نېرۋا زەخىملىنىدۇ

  پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش قارىماققا بىر خىل ئازادە ئولتۇرۇش ھالىتىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھالەتنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغاندا بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىدە بىر مۇھىم يان پاقالچاق غول نېرۋىسى بار بولۇپ، دەل تىز بوغۇمىدىن يوتىنىڭ سىرتقى يېنىغا سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا ئۈستىدىكى پۇتنىڭ يان پاقالچاق باش نېرۋىسى بېسىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزىرىغانچە نېرۋىنى زەخىملەندۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، پۇت ۋېناسى ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىش ياكى قان نۆكچىسى كەپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا، بېسىلغان يوتا بېسىمغا ئۇچرايدۇ، ئىككى پۇت ئۇزۇن ۋاقىت بىر خىللا ھالەتنى ساقلاپ ھەرىكەت قىلمىسا، قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ، پۇت ۋېناسى ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ياكى قان نۆكچىسى كەپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، پۇت قىسمىنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىللە سالامەتلىككە تېخىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. شۇڭا پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ئادىتىنى تۈزىتىش ئىنتايىن زۆرۈر، ئەگەر ئۆزىنى باشقۇرالمىغاندا، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندىن كېيىن چوقۇم ئىككى قول بىلەن تېلىپ ئاغرىغان، ئۇيۇشۇپ قالغان پۇتنى قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىپ، قان ئايلىنىشنىڭ راۋانلىقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئومۇرتقىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، دۈمبە ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

  بۇ خىل ئولتۇرۇش ھالىتى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىگىمۇ ناھايىتى ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئومۇرتقىسىغا ياندىن قارىغاندا «S» شەكلىدە بولۇشى كېرەك، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرغاندا ئاسانلا بەل ئېگىلىپ، دۈمچەك بولۇپ قالىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئومۇرتقا «C» شەكلىدە بولۇپ، بەل ئومۇرتقىسى بىلەن كۆكرەك ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، يەنە ئومۇرتقا نېرۋىسىنى بېسىۋېلىپ، ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بەشىنچى، كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

  پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇشنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا بولغان زىيىنىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ، پۇتنى ئالماپ ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپى ۋە كۆپىيىش ئەزاسى ئەتراپىدىكى تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسپېرمىنى زەخىملەندۈرۈپ، كۆپىيىش ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسمەن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش ئىللىق نەم مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاسانلا باكتېرىيەنىڭ كۆپ مىقداردا كۆپىيىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  چاڭشا شەھەرلىك 3-دوختۇرخانا سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ليۇ تاڭيۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئولتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، بەل ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ھەمدە بوي ئېگىزلىكى، پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكىنى تەڭشەش، ئولتۇرغاندا يوتا بىلەن پاقالچاق 90 گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ، ئىككى پۇتنى راھەت ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەك، ھەر بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن، تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ