مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى--

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقى تەتقىقات جەمئىيىتى جەنۋەدە باش تېما يىغىنى ئۆتكۈزدى

2019.09.18 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 42- قېتىملىق يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى 16- چېسلا جەنۋە ۋەنگو سارىيىدا «شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» تېمىسىدىكى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى جەھەتتىكى تەدبىرى، تەجرىبىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق 50 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋۇ لېيفېن رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋۇ لېيفېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭ رايونى زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى، بولۇپمۇ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تارقىلىشى شىنجاڭدىكى كەڭ ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، شىنجاڭ رايونىدىكى زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا، شىنجاڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭنىڭ ئامانلىق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولدى، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ئاممىنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

  جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشقارما ئەزاسى گۇ يىڭسۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدە، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر شىنجاڭدا كەڭ تارقىلىپ، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. گۇ يىڭسۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارغا ئەسەبىيلىكنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى ئاياللار ۋە بالىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيانلارنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: ئەسەبىيلىكنىڭ كاشىلا قىلىشى سەۋەبىدىن، شىنجاڭنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مائارىپى ۋە زامانىۋى تېبابىتىنى ئۈنۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇش تەس بولدى. ئەسەبىيلىكنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان بەزى ئامما كېسەلنى يوشۇرۇپ، داۋالىنىشتىن پەرھىز تۇتۇپ، كۈندىلىك ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلدى، ھەتتا ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلارنى سادىر قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھۆكۈمەت ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

  جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ماۋ جۈنشياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايونى قانۇن بويىچە زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنى تۇتۇپ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە مۇقىم قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

  نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چاڭ جيەن مۇنداق دەپ قارىدى: تېررورىزم ۋە زوراۋانلىقنى توسۇشتا زوراۋانلىق قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىپلا قالماي، يەنە زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىنىڭ قوزغىتىش ئامىلى ۋە يامراش شارائىتىنى تۈگىتىشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى چەكلىدى. 2016- يىلى 12- ئايدىن بۇيان شىنجاڭدا تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ يۈز بەرمىگىنىگە 33 ئاي بولدى، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلدى. 2018- يىلى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىرىنىڭ سانى 150 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، %40تىن كۆپرەك ئاشتى. جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش جەھەتتە پائال ئىزدىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدىغان تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ