مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇزىكا نېمە ئۈچۈن قەلب يارىسىنى ساقايتالايدۇ؟

2019.09.18 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىنسانلارنىڭ مۇزىكىنى ياخشى كۆرۈشى تەبىئىي ئەھۋال، ئاكتىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ئازايتىش جەھەتتە مۇزىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئۈنۈمى بار. نېمە ئۈچۈن مۇزىكا بۇنداق ئاجايىپ كۈچكە ئىگە؟ ئامېرىكا ئىللىنويىس داشۆسى سپرىڭفىلد شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شاھرام خېشمات تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى:

  بىرىنچى، مۇزىكا كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. مۇزىكا چوڭ مېڭىنىڭ ھۇزۇرلىنىش سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ، خۇددى يېمەكلىك، جىنسىي تۇرمۇش ۋە پۇلغا ئوخشاش، ئۇ ئادەتتە كىشىنى خۇشال ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئىككىنچى، بەدەن رىتىمى مۇزىكا بىلەن ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا، ئادەمنىڭ يۈرەك رىتىمى قاتارلىق بەدەن رىتىمىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ تېزلىشىدۇ ياكى ئاستىلايدۇ، ئاخىرىدا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرەيدۇ. بولۇپمۇ شوخ ۋە جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ بەدىنى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، مەسىلەن، بېشىنى لىڭشىتىش، پۇتىنى تەۋرىتىش، قولى بىلەن ئۈستەل يۈزىنى ئۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر چېنىققاندا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى مۇزىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغاش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ھەرىكەت سەرپ قىلىدىغان كۈچنى ئازايتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئەسكە ئېلىشقا پايدىلىق. مۇزىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىش رولى بار. مەسىلەن، ئەينى يىلىدىكى توي مۇراسىمىڭىزدا قويۇلغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، شۇ چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈشلەر، گۈزەل ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىڭىزدا بىر-بىرلەپ ئەكس ئېتىپ، سىزگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

  تۆتىنچى، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئىگىلىگەنگە ئوخشاش، كىشىلەرمۇ مۇزىكىدىن ئۆز كەيپىياتىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، قايغۇلۇق مۇزىكا كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ، شوخ مۇزىكا ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ. بۇ خىل «ئورتاقلىق» كىشىگە چۈشىنىشكە ئېرىشكەندەك تۇيغۇ بېرىپ، قەلبى تېخىمۇ تىنچلىنىدۇ.

  بەشىنچى، خىيالىدا گۈزەل كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولىدۇ. مۇزىكا ئۈنۈملۈك ھالدا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا كۆرۈش تەسۋىرى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇزىكا كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە غىدىقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا كاللىسىدا پەيدا بولغان تەسۋىرلەر ئارقىلىق، مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ.

  ئالتىنچى، ناخشا تېكستى «باشقىلار بىلەن قەلبداش» ئىكەنلىكنى ھېس قىلدۇرىدۇ. «باشقىلار بىلەن قەلبداش» ئىكەنلىكنى ھېس قىلدۇرىدىغان ناخشا تېكىستى كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇنغان ھېسسىيات ۋە تەسىراتلىرىنى قوزغايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ