مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.09.17 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 16-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن يېڭى جۇڭگونىڭ بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش، بىللە ئىلگىرىلەشتەك شانلىق مۇساپىنى ئەسلەپ ئۆتتى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك ئەزالىرىنىڭ دۆلەتكە سادىق بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىشتەك كۈرەش قىلىش روھى ۋە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشتەك ئالىيجاناب روھىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەزالارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يېڭى جۇڭگونى بەرپا قىلىش، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، ئىسلاھات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈردى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سىياسىي تەشكىلات ۋە دېموكراتىك شەكىلنىڭ بۇ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ