مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولدى

2019.09.16 15:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 9- ئۆكتەبىردىن 10- ئۆكتەبىرگىچە ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئەنگلىيەدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋەكىللىرى، ئەنگلىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى، ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى، ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۈچ ئارمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلىنىڭ جۇڭگو مۇھەررىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتى، مىللەت ۋە دىن سىياسىتى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجىنى تىرىشىپ قاندۇرىدۇ. شىنجاڭدا 24 مىڭ 400 مەسچىت بار، «قۇرئان»نىڭ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقتىكى تەرجىمىسى بار.

  ئەنگلىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىز غەرب تاراتقۇلىرىدىن ئېرىشكىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولدۇق، بىز شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۇق.

  ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى چياۋمىنلار ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم ۋەدىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قوغدىدى. چياۋمىنلار ساھەسىدىكى ۋەكىللەرمۇ غەرب دۆلەتلىرىنى ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ بەس ـ بەستە سۆز قىلدى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى چەتئەل ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى باشلىنىپ، 10 كۈن داۋاملىشىپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ