مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەل ئەلچىلىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى ماختىدى

2019.09.19 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى بارچە ئەللەر سارىيىدا «شىنجاڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، يېقىندا شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان ئالاقىدار دۆلەت ئەلچىلىرى ۋە جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەھۋال تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئەلچىلەر شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى نەتىجىلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. 40 نەچچە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئالىملار، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ جەمئىي 100 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چېن شۈ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىخەتەر، مۇقىم مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلىش قاتارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. شىنجاڭنىڭ تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرىنى «بەشتە چىڭ تۇرۇش»قا، يەنى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق «بەشتە چىڭ تۇرۇش»قا يەكۈنلەشكە بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنى پايدىلىق تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ ھەقتە ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى گۇ يىڭسۇ ئۆز كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ جانلىق مىساللار ئارقىلىق، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، بولۇپمۇ ئاياللار، بالىلارغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېچىپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى، بولۇپمۇ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ كۇرسانتلار ۋە ئائىلىلەرگە ئېلىپ كەلگەن كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلىرىنى بايان قىلدى. گۇ يىڭسۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەربىيەلەش خىزمىتى تېررورىزم پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراقنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  يەمەن، زامبىيەنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە زىمبابۋېنىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۇلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىدىكى كۇرسانتلار بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كۇرسانتلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ قانات يايدۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىزدەندى.

  بېلارۇسىيە، بىرما، كۇبا، ۋېنېسۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى بەس-بەستە سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغدىشىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ