مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش − يېڭى جۇڭگودىكى «يېشى ئەڭ چوڭ» تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەدەنىيەتلەرنى يۇغۇرۇش شىفىرى

2019.09.16 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئادىل ھوشۇر 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دارۋازلىق ئويۇنى كۆرسەتمەكتە (2019- يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەنتەربىيە كۈچەيسە جۇڭگو قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت گۈللەنسە تەنتەربىيە گۈللىنىدۇ. تەنتەربىيەگە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى پۈتۈلگەن. 1953-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك مىللىي شەكىلدىكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى كۆرىكى ۋە مۇسابىقە يىغىنىدىن باشلانغان مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كۆزنى قاماشتۇرۇپ نۇر چاچقىنىغا 66 يىل بولدى. يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن سەھنىسىگە ئايلىنىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا مۇجەسسەملىدى.

  11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىدا، 48 ياشلىق ئادىل ھوشۇر يەنە بىر قېتىم سەھنىگە چىقىپ، قەدىمىي ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى دارۋازلىقىنى ئورۇنلىدى. خەتەرلىك، تەسىرلىك ئويۇنلار تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئادىل ھوشۇر شىنجاڭدىكى دارۋازلىق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 11 يېشىدا شىنجاڭغا ۋاكالىتەن 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان.

  ئادىل ھوشۇرنىڭ جەمەتى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تارىخى گۇۋاھچىسى. 1953-يىلى ئادىل ھوشۇرنىڭ دادىسى، شىنجاڭنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى دېھقان ھوشۇر ئاكا تەكلىپكە بىنائەن تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك مىللىي شەكىلدىكى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ۋە مۇسابىقە يىغىنى» (يەنى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت يىغىنى)غا قاتناشقان. ئەينى يىلدىكى يىغىندا گەرچە ئاران 13 مىللەتتىن بولغان 395 كىشى قاتناشقان، پەقەت بەش مۇسابىقە تۈرى بار بولسىمۇ، لېكىن يېڭى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مىللىي تەنتەربىيە كاتتا يىغىنى بولۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.

  ئادىل ھوشۇر قاتناشقان 2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1982- يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ چاغلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن دەسلەپكى مەزگىل بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى ۋە دۆلەت تەنتەربىيە كومىتېتى (ھازىرقى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇردى، يەرلىك ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى.

  ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: «مەن 2-نۆۋەتلىكتىن 11-نۆۋەتلىككىچە ئۇدا 10 نۆۋەت قاتناشتىم، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بولۇپ، 56 مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ كاتتا يىغىلىشى بولۇپ قالدى». يىغىننىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى، قاتناشقۇچىلار بارغانسېرى كۆپەيدى، تەنھەرىكەت تۈرلىرى بارغانسېرى موللاشتى، مۇسابىقە قائىدىلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، ئويۇنلار بارغانسېرى رەڭدار بولدى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ