11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى شەھەر ئىچىدە نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى جېڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلدى

2019.09.09 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  (خەلق تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى جېڭجۇدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىر يىڭخۇا، ماناپ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى پائالىيىتى بولۇش سۈپىتىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مۇۋەپپىقىيەتلىك يەتكۈزۈلدى.

  7-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دە، مىڭ كىشىلىك خور ئورۇندىغان «جۇڭخۇانى سۆيىمەن» ناملىق مېلودىيە ئىچىدە مەشئەل رۇيىخۇ مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، جېڭدۇڭ يېڭى رايونى، جىنشۈي رايونى، گۇەنچېڭ رايونى ۋە ئېرچى رايوندىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى نۇقتا ئېرچى مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.

  بۇ قېتىمقى مەشئەل يەتكۈزۈشتىكى 123 مەشئەل يەتكۈزگۈچى كىشى مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى مىللەتلەردىن كەلگەن 56 ۋەكىل ۋە خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىن كەلگەن 67 مۇنەۋۋەر ۋەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىللەر مەشئەلنى نۆۋەتلىشىپ يەتكۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق 56 مىللەتنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىندى.

  مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ زور قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، كىشىلەر بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ، دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈشۈپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ مەشئەل ماھىرلىرىغا مەدەت بېرىشتى.

  بۇ قېتىمقى مەشئەلنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش پائالىيىتى پەللىدىن چىقىش مۇراسىمى، مەشئەل يەتكۈزۈش، مەشئەل تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان. يەتكۈزۈش لىنىيىسى 8.7 كىلومېتىر بولۇپ، جېڭدۇڭ يېڭى رايونىدىن ئېرچى رايونىغىچە جېڭجوۋدىكى نۇرغۇن بەلگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، جېڭجوۋدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر ۋە جېڭجوۋنىڭ 3600 يىللىق شانلىق مەدەنىيىتى تولۇق نامايان قىلىندى. مەشئەلنى نەق مەيداندا يەتكۈزۈش 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى، ئۇ بىر تۈرلۈك مۇھىم ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى، دۆلەتنىڭ مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ