مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگو تەھدىت سېلىشتىن قورقۇپ قالمايدۇ، دېدى

2019.08.27 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان.

  سوئال: 24-چېسلا ئامېرىكا 550 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان تاۋارلىرىدىن ئېلىنىدىغان باج نىسبىتىنىڭ يەنە %5 ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىنكاس قايتۇردى. سىز جۇڭگونىڭ قانداق كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟

  جاۋاب: جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تاموژنا بېجى ئېلىش تەدبىرى توغرىسىدا ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئوساكا ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىنى دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى، پۈتۈن دۇنيانىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا توسالغۇ قىلدى، بۇ پۈتۈنلەي باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈش بولۇپ، قىلچە ئىجابىيلىق يوق. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئوچۇق ھالدىكى سودا زومىگەرلىك قىلمىشى ۋە يۇقىرى چەكتە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ. مەن ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي، جۇڭگو بۇنىڭدەك تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇشتىن قورقۇپ قالمايدۇ.

  بىز ئامېرىكىنى ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم قىلماي، خاتا ئۇسۇلنى دەرھال توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىمىز. ئەگەر ئامېرىكا ئالاقىدار تاموژنا بېجى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرسا، جۇڭگو داۋاملىق قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق، ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  سوئال : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىشىنى ياكى ئامېرىكىغا قايتىپ زاۋۇت ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  جاۋاب: مېنىڭچە كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، جۇڭگو تەرەپ تېخى ئىنكاس قايتۇرماي تۇرۇپ، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە تاۋار باھاسى ئاللىقاچان ئىنكاس قايتۇردى، يەنى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپچىلىكمۇ دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى ئالاقىدار سۆزلەرگە بەس-بەستە قارشى تۇردى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ خىل يۇقىرى چەكتە بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن ئەندىشە قىلدى.

  مەن ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مەنپەئەت ئەندىزىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى شەكىللەندى، دېگەنىدىم. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنى «زورلۇق بىلەن ئايرىۋېتىش» مۇقەررەر ھالدا دۇنيا كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە خىلاپ، ئەركىن رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئېقىمىغا خىلاپ بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەنپەئەتدارلارنىڭ كۈچلۈك گۇمانىغا ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ.

  جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىچكى ئېھتىياج ئېشىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى، تەرەققىيات پىلانلاش بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ دۇنيا بازىرىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتتى، يۆتكىلىش بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ئايرىم-ئايرىم %100.8، %88.1، %18.9، %9.2 ئاشتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا سالغان مەبلىغى ئومۇمىي جەھەتتىن %29.5 ئاشتى. مېنىڭچە، ئاتالمىش ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىشى ئەمەلىي تەدبىر ئەمەس، بەلكى سىياسىي شوئارغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەت داۋامىدا يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، تەبىئىي ھالدا باشقىلار ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئامېرىكا زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىدا «ئالاقىنى ئۈزۈش» ھەرگىزمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى پەسەيتىشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ چىقىش يولى ئەمەس. يەنىلا شۇ گەپ، جۇڭگو ئىقتىسادى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈش دېگەنلىك پۇرسەتتىن، دۇنيادىن، كەلگۈسىدىن ئالاقىنى ئۈزۈش دېگەنلىكتۇر.

  بىز ئامېرىكىنى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، پايدا-زىياننى ئېنىق ھېسابلاپ، چوقۇم ياخشى ئويلىنىپ قارار چىقىرىشقا، ھەرگىز ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئىش قىلماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  سوئال: ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى شياڭگاڭنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، شياڭگاڭ ساقچىلىرى سۇ زەمبىرىكى ئىشلەتتى ۋە ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە ئالاھىدە رايون ساقچىلىرى ئالاقىدار مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ، شۇنداقلا شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقنى قانۇن بويىچە توختىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىشى، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  سوئال: ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇۋاتىدۇ، سىز زىيارەتنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟

  جاۋاب: مەن ئالدىنقى ھەپتە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىفنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدىم، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە بولغان ئۈمىدىنى تونۇشتۇردۇم.

  ئىگىلىشىمچە، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كەچرەك ۋاقىتتا ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىمىز.

  سوئال: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كالا گۆشى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئامازون ئورمانلىقىدىكى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنىڭ بىرى ئىكەن. جۇڭگو بىرازىلىيە كالا گۆشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورت بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامازون ئورمانلىقىدىكى ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرى ۋە شەكىللىنىش سەۋەبىگە قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: ئوت كېتىش بىلەن كالا گۆشىنى بىرلەشتۈرگەننى مېنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم.

  مەن سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرەلەيمەنكى، جۇڭگو بىرازىلىيەنىڭ ئامازون رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئاپەت ئەھۋالىنىڭ بالدۇرراق كونترول قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ