مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانىغا ئىمزا قويدى

42كىشىگە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى بېرىلدى

2019.09.18 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 17- كۈنى رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، 42 كىشىگە دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى بەردى..

  رەئىس پەرمانىغا ئاساسەن، يۈمىن، شېن جىلەن (ئايال)، سۈن جيادۇڭ، لى يەننيەن، جاڭ فۇچىڭ، يۈەن لۇڭپىڭ، خۇاڭ شۈخۇا، تۇ يۇۋيۇۋ (ئايال) قاتارلىقلارغا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى.

  رائۇل كاسترو رۇز (كۇبا)، ماخا چاكرى سىرىندورن (ئايال، تايلاند)، سەلىم ئەھمەد سەلىم (تانزانىيە)، گالىنا ۋېنىئامىنوۋنا كۇلىكوۋا (ئايال، رۇسىيە)، ژان پىئېر رافالان (فىرانسىيە)، ئېلزابېت كرۇك (ئايال، كانادا)لارغا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى.

  يې پېيجيەن، ۋۇ ۋېنجۈن، نەن رېندۇڭ (مانجۇ)، گۇ فاڭجوۋ، چېڭ كەيجيالارغا «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ يۈ يى (ئايال)، ۋېي شىڭخۇا، گاۋ مىڭشۈەنلەرگە «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ ۋاڭ مېڭ، چىن يى (ئايال)، گو لەنيىڭ (ئايال)لارغا «خەلق سەنئەتكارى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ غەيرەت مامۇت (ئۇيغۇر)، شېن لياڭلياڭ، مەي شيەندې، جاڭ چاۋلارغا «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ ۋاڭ ۋېنجياۋ، ۋاڭ يوۋدې (خۇيزۇ)، ۋاڭ چىمىن، ۋاڭ جىسەي، بۇرماقان مولدۇ (ئايال، قىرغىز)، جۇ يەنفۇ، لى باۋگو، دۇگۈيما (ئايال، موڭغۇل)، گاۋ دېرۇڭ (دۇلۇڭزۇ)لارغا «خەلق ئۈلگىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ رېدى (زاڭزۇ)غا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ دۇڭ جيەنخۇاغا «<بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش>تىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ لى داۋيۈگە «دىپلوماتىيە خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ فەن جىنشى (ئايال)غا «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ