مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن

2019.09.10 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بلاگېن ئاياللار دوختۇرخانىسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇۋاپىق مىقداردا ئانار شەربىتى ئىچكەن ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە قان ئېقىم مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، كۆرۈش سېزىمى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتتا 24 ~ 40 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىشى ئاستا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەن 78 ئانىغا دىئاگنوز قويۇلغان. بۇ ئاياللار ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر كۈنى سەككىز ئۇنسىيە (تەخمىنەن 227 گىرام) ئانار شەربىتى ئىچكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر تەمى / ئىسسىقلىقى ماس كېلىدىغان، لېكىن تەركىبىدە پولىفېنول بولمىغان بەزلەش دورىسىنى ئىچكەن. تەتقىقات ئۆمىكى ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىش ۋە زەخىملىنىش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانار شەربىتى ئىچسە، بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان. پولىفېنول بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا بولۇپ، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ئانار، قىزىل ھاراق ۋە چاي قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدۇ. پولىفېنول قان بىلەن تولغان مېڭىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ھايۋانات مودېلى تەتقىقاتىدا، ئۇنىڭ نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە قارىتا ياخشىلاش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ