مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىققەت قىلىڭ! 2020-يىللىق ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى بېكىتىلدى، 10-ئۆكتەبىردىن باشلاپ توردا تىزىملىتىش باشلىنىدۇ

2019.08.21 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ساۋاقداشلار دىققەت قىلىڭلار! مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلانى ئېلان قىلىنغان، «2020-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ھازىر 2020-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىندى:

  بىرىنچى، دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى

  2020-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:30دىن 11:30غىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت14:00دىن 17:00 گىچە) بولىدۇ. ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىمتىھان تۈرى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ (باشلىنىش ۋاقتى 8:30، ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇن بېكىتىدۇ، 14:30دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ). ئىمتىھان ۋاقتىدا بېيجىڭ ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا، دۆلەت بىردەك ئېتىراپ قىلمايدۇ.

  2. دەسلەپكى ئىمتىھان تۈرى

  دەسلەپكى ئىمتىھان ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسى يېزىقچە بولىدۇ.

  12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن: ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە؛ باشقۇرۇش تۈرىدىكى بىرلەشمە ئىمتىھان ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى

  12-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن: چەت ئەل تىلى

  12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن: كەسپىي دەرس 1

  12-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن: كەسپىي دەرس 2

  12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىمتىھان تۈرلىرى

  ھەر بىر پەننىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ سائەت بولىدۇ؛ قۇرۇلۇش لايىھەلەش قاتارلىق ئالاھىدە پەنلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئالتە سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  تەپسىلىي ئىمتىھان ۋاقتى، ئىمتىھان تۈرى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»، ئىمتىھان نۇقتىسى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇننىڭ ئېلانىدىن كۆرۈڭ.

  3. تىزىملىتىش تەلىپى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلار توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسىغا بېرىپ، نەق مەيداندا توردا تىزىملاتقاندىكى ئۇچۇرلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى توپلاش قاتارلىق ئالاقىدار ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك.

  بۇ يىل تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار پىرىنسىپ جەھەتتىن مەكتەپ تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى بەلگىلىگەن ئىمتىھان نۇقتىسىنى تاللاپ توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ ئايرىم ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى بېكىتكەن ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسىنى تاللاپ توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر (جۈملىدىن سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئاممىۋى باشقۇرۇش، ساياھەت باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقۇرۇش قاتارلىق كەسپىي ئۇنۋانغا ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار) خىزمەت ياكى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى بېكىتكەن ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسىنى تاللاپ توردا تىزىملىتىش ۋە نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

  توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش تېخنىكا مۇلازىمىتى خىزمىتىگە مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى مەسئۇل بولىدۇ. نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى ئالاقىدار ئىمتىھان نۇقتىلىرىنى تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  4. توردا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە. ئالدىن تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت 9:00 دىن 22:00گىچە بولىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «جۇڭگو ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى»غا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك (ئاممىۋى تور ئادېرىسى http://yz.chsi.com.cn، مائارىپ تور ئادرېسى: http:yz.chsi.cn، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش تورى» دېيىلىدۇ). تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم تىزىملىتىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ئالدىن ئوقۇپ چىقىشى كېرەك ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتى، ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچى ئورۇننىڭ توردا ئېلان قىلىش تەلىپى بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

  تىزىملىتىش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ئۆزى ئۆزگەرتسە ياكى ئىمتىھان بېرىش ئۇچۇرىنى قايتىدىن تولدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھان ئورنىنى كۆپ ئىگىلەپ، باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان بېرىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر ئىمتىھان بەرگۈچى پەقەت بىر ئۈنۈملۈك تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتقاندا پەقەت بىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ بىر كەسپىنى تولدۇرىدۇ. ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قايتا ئىمتىھان سىنىقىغا كىرىشتىكى دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئاساسىي تەلىپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش تورى» تەڭشەش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ تەڭشەش چارىسى، پىلان قالدۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىگىلىسە ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆز ئالدىغا كۆپ قېتىم تەڭشەش ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ