«<بىر بەلباغ، بىر يول> ناملىق چوڭ تىپتىكى مەجمۇئە ___ شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.20 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 16-ئاۋغۇست شاڭخەي كىتاب كۆرگەزمىسىدە «<بىر بەلباغ، بىر يول> ناملىق چوڭ تىپتىكى مەجمۇئە ___ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەسەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جېڭمىڭ، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى ئەزاسى ۋاڭ شىن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇڭ تىڭشيۇڭ، جۇڭگو ئاخبارات نەشرىيات گۇرۇھى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى لى جۇڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شىڭ، دۆلەت نەشرىيات فوندى يىرىك پىلانىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تۈر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې خۇييۈ، جۇڭگو نەشرىيات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شېن جيەنلىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما ۋېنشى قاتارلىق رەھبەرلەر، ئەزىز مېھمانلار ۋە مەجمۇئەنىڭ ئاپتورلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى جاۋ شيۇچىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يېڭى كىتاب ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «<بىر بەلباغ، بىر يول> ناملىق چوڭ تىپتىكى مەجمۇئە ___ شىنجاڭ ياخشى جاي»نىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى ۋە سىنىقىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇھىم بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بۇ مەجمۇئەنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچلۈك مەدەنىيەت تىرىكىگە ئىگە قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. يىغىندا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى شاڭخەي كۇتۇپخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن كۇتۇپخانىغا كىتاب سوۋغا قىلدى.

  «<بىر بەلباغ، بىر يول> ناملىق چوڭ تىپتىكى مەجمۇئە ___ شىنجاڭ ياخشى جاي» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان بولۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش مەقسەت قىلىنغان، تاللانغان ئاپتورلار شىنجاڭنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن. نۆۋەتتە ئاشكارا نەشر قىلىنغان 10 ئەسەر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئاددىي كىشىلەرنىڭ نەزىرى بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆپ خىل نۇقتىدىن ھەقىقىي نامايان قىلدى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىدى، ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئويۇشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش، زامانىۋىلىشىش ئېقىمىغا سىڭىشىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى مەدھىيەلىدى. دۇنيانىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ چۈشىنىشى، جۇڭگونى چۈشىنىشى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەجمۇئەنىڭ 1-قىسىم 10 توپلامى بۇ يىل 7-ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان، 2-قىسىم 10 توپلامى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن، مەجمۇئە جەمئىي 5 قىسىم، 50 توپلام ئىكەن. بۇ مەجمۇئەنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تۈرگە تۇرغۇزغان، دۆلەت نەشرىيات فوندى تۈرى ياردەم بەرگەن بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتتى. بۇ قېتىمقى شاڭخەي كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يېڭى كىتاب ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، مىللىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش جەھەتتە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ