مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خامۇشلۇقنى ئازايتىدىغان 10 تۈرلۈك تۇرمۇش ئادىتى

2019.08.23 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەنگلىيە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خامۇشلۇق كېسىلى تەخمىنەن %10 نۇپۇسقا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، كېسەل قوزغىلىش ۋە داۋالاش نىسبىتى يۇقىرى قان بېسىمىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسىدە، ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، خامۇشلۇقنى ئازايتىدىغان 10 خىل تۇرمۇش ئادىتى يەكۈنلەندى.

  بىرىنچى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ئازراق قاراش. شۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر ھەپتىدە كومپيۇتېر ياكى يان تېلېفون قاتارلىق ئېكران ئۈسكۈنىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاياللار ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ۋە يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن، تېخىمۇ ئاسان خامۇشلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئېكرانغا ئاز قاراپ، كۆپ كىتاب ئوقۇسا خۇشاللىق تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇشتىن رازى بولۇش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئىككىنچى، كېچىلىك چىراغنى ئۆچۈرۈۋېتىش. ئامېرىكا ئوخىئو ئىشتاتلىق داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كېچىدە ئۇخلاش ۋاقتىدىكى چىراغ نۇرى (بولۇپمۇ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى تارقاتقان كۆك نۇر) قارا ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا كاشىلا قىلىپ، نورمال ئۇيقۇغا كىرىش ۋە ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئەتراپىمىزدىكى بارلىق ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئېتىۋېتىپ، قېلىن پەردىنى تارتىپ، قاراڭغۇ ئۇيقۇ مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، ياقتۇرغان كىيىمنى كىيىش. ئەنگلىيە خېرتفورد ۋىلايەتلىك داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، كىيىنىش كەيپىياتنىڭ ئەينىكى بولۇپ، كىيىمنى مۇۋاپىق كىيسە، كۆڭلى تېخىمۇ ئازادە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆك رەڭلىك كىيىم- كېچەك قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كەيپىياتنى تىنچلاندۇرۇشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  تۆتىنچى، ئەزمىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش. ئامېرىكىلىق پىسخولوگ بارى شۋارتس مۇنداق دەيدۇ: بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاللاش كۆپ بولۇش ياخشى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ زور بېسىم، تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ، بەخت تۇيغۇسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىدۇ. نىشاننى توغرا تونۇپ، ئېنىق ھۆكۈم قىلىش ئادەمنى تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ.

  بەشىنچى، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش. ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسىنىڭ مۇددىتى ئالتە يىللىق، قۇرامىغا يەتكەن سىناققا قاتناشقۇچى 8556 كىشىگە چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، تاماكا چېكىش خامۇشلۇقنىڭ خەۋپ- خەتىرىنى %41 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. نىكوتىن «ھاياجانلانغان» چوڭ مېڭىنىڭ خىمىيەلىك دوپامىنىنى تېز ئۆرلىتىپ، ئاندىن تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلىتىپ، ئادەمنى غەشلىك ھېس قىلدۇرىدىكەن. تاماكىنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاش ھەمدە تاماكا بار مۇھىتتىن ئىمكانقەدەر يىراق تۇرۇش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  ئالتىنچى، دائىم سېمىز بېلىق يېيىش. نورۋېگىيەنىڭ 5000 غا يېقىن پىدائىيغا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، دائىم بېلىق (بولۇپمۇ سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى، ساردىن بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىزنىڭ سېمىز بېلىقى) يەيدىغانلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. بېلىق گۆشى تەركىبىدە مول بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق يېيىش تەكلىپى بېرىدۇ، بېلىق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار بېلىق مېيى تولۇقلاش دورىسى ئىچىشكە بولىدۇ.

  يەتتىنچى، يېڭى مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش. ئەنگلىيە لوندون داشۆسى شۆيۈەنىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى ئاز يەيدىغان كىشىلەردە چۈشكۈنلۈك ۋە خامۇشلۇق ئەڭ ئاسان كۆرۈلىدىكەن. يېڭى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلاردىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار ئەركىن رادىكاللارنىڭ زەخىملىنىشىنى ئازايتىدىكەن.

  سەككىزىنچى، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىش. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كوففېئىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىشمۇ شېكەر ۋە ياغقا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئارتۇق مىقداردىكى كوففېئىن چوڭ مېڭىنىڭ بېسىم ئىنكاسىنى غىدىقلاپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلىتىپ، ئادرېنالىننىڭ داۋاملىق نورمىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاستا خاراكتېرلىك تەشۋىشلىنىش، جىددىيلىشىش ۋە كەيپىيات تۆۋەنلەش قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەرنى كۆپەيتىدۇ. تەركىبىدە كوففېئىن بار ئىچىملىكنى ئاز ئىچىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن كېيىن ئىچىشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىش، ئۇنىڭ ئورنىدا چاي ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  توققۇزىنچى، ھورمون تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. كوپېنھاگېن داشۆسىنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئايالغا چېتىلىدىغان تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھورمۇن تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى خامۇشلۇق خەۋپ- خەتىرىنى %23تىن %34كىچە ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ھورمۇن تۈرىدىكى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بايقىغاندا، ئەڭ ياخشىسى باشقا دورىلارنى ياكى باشقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.

  ئونىنچى، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك. ئىسرائىلىيە تېلئاۋىف داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، پەقەت بىر داۋالاش باسقۇچىدىكى ئانتىبىئوتىكلار (جۈملىدىن خىنوكېتون تۈرىدىكىلەر ۋە خىرونون تۈرىدىكىلەر)نى ئىستېمال قىلغاندا، خامۇشلۇق ۋە تەشۋىشلىنىش خەۋپ- خەتىرى تەخمىنەن %25 ئاشىدىكەن؛ ئىككىدىن بەشكىچە داۋالاش باسقۇچىدا %50 ئاشىدىكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانتىبىئوتىكلار ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، قېتىق ئىچىش، ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە تولۇقلاش ۋە ئاچا سەي قاتارلىق ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش − ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ