مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ 7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە نامزات كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.09.06 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك كومىتېتى يېڭى بىر نۆەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالىدى ۋە تەقدىرلىدى. بۇ،ياخشى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىش، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىنتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەتەننى سۆيۈش، خەلققە تۆھپە قوشۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش قىلىش روھى، پائال ئالغا ئىنتىلىش، ئەخلاققا ئىنتىلىشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايان قىلدى. ئۇلار يەنە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئالىيجاناب ئەخلاقنىڭ يولغا قويغۇچىسى، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ قوغدىغۇچىسى، گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە گۈزەل ئەخلاق ۋە شەخسىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئەخلاقنىڭ قۇياش نۇرىئارقىلىق كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، مەدەنىي شەبنەم ئارقىلىق جەمئىيەتنى نەملەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەرنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  7- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى سۆھبەت يىغىنى 5- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ