مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چوڭ مېڭىنى ياشارتىش ئۇسۇلى

2019.08.19 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تەھرىر ئىلاۋىسى: قېرىش − ھەر بىر ئادەم چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان بىر جەريان، چوڭ مېڭىنىڭ تۇغما ئۈستۈنلۈكى ياكى ئاجىزلىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، لېكىن بەزى تۇرمۇش ئامىللىرى چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ئامىللاردىن بىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە كۈندىلىك تۇرمۇشتا چوڭ مېڭىنى ياشارتىدىغان بىر قانچە ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز.

  چوڭ مېڭىنى ياشارتىش ئۇسۇلى

  بىرىنچى، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى»دە مۇنداق تەكلىپ بېرىلىدۇ: ئالتە ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارنى ساپ ئانا سۈتىدە بېقىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم، بوۋاقلارنىڭ رېتسېپلىق سۈتى بولسا ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان چاغدىكى ئامالسىز تاللاش؛ يەتتە ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار يەنىلا داۋاملىق ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىشى كېرەك، لېكىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشقا بولىدۇ. تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى مول بولغان لايسىمان ھالەتتىكى يېمەكلىكلەردىن باشلاپ، تەدرىجىي يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش كېرەك؛ بالىلار، ياشلار- ئۆسمۈرلەر ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، تاماق تاللىماسلىقى، تەرتىپلىك غىزالىنىشى، ھەر كۈنى سۈت ئىچىشى، يېتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچىشى، يەنە دائىم سىرتتا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھەر ھەپتىدە بىر كىتاب ئوقۇش لازىم. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۇرمۇش مەزمۇنى مول، مېڭىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ قېرىشى ئاستا بولىدۇ، كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ چوڭ مېڭىنى غىدىقلىشى نېرۋىلارنىڭ تۇيۇقسىز تېگىشىشىنى بېيىتىپ، قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ. دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەر بىر قەدەر يۇقىرى بىلىش زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ تاقابىل تۇرالايدۇ.

  ئۈچىنچى، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم 30 مىنۇت چېنىقىش لازىم. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەپتىدە ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىپ، ھەر قېتىم 30 مىنۇت تەيجى گۇمپىسى ئويناش، تېز مېڭىش ياكى باشقا دالا ھەرىكىتى قىلىش چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە خولېستېرىننى كونتىرول قىلىش، قان بېسىمىنى تەڭشەشكىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما ياشانغانلار بەدەن چېنىقتۇرغاندا چوقۇم كۈچ-قۇۋۋىتىگە قاراپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بەدىنى سەل-پەل تەرلىسىلا بولىدۇ. ھەرىكەت ئارقىلىق مېڭىنى چېنىقتۇرۇش قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى، ھەرقانداق ياشتا باشلىسىمۇ كېچىكمەيدۇ. «ئەنگلىيە تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى ژۇرنىلى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بىر ھەپتىدە 45 مىنۇت داۋاملىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق 50 نەچچە ياشلىق ئادەمنىڭ مېڭە قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.

  تۆتىنچى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىشتا فلاۋون ياكى كاروتىن تۈرىدىكى ئوكسىدلىنىشقا، قېرىشقا قارشى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك، مەسىلەن، مۇۋاپىق مىقداردا چاي ئىچىش، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ. نۇرغۇن ياشانغانلار كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن گۆش، تۇخۇم سېرىقى يېمەيدۇ، بۇ توغرا ئەمەس. تۇخۇم سېرىقىدا خولېستېرىن بار بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يىلىك غىلىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە پايدىلىق؛ تۇخۇم سېرىقىدا نۇرغۇن خولىن بار بولۇپ، چوڭ مېڭىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا پايدىلىق.

  بەشىنچى، قانغۇدەك ئۇخلاش لازىم. نۇرغۇن كىشىلەر تۈنىگەندىن كېيىن، ئىككىنچى كۈنى روھى ۋە جىسمانىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەممە ئادەم يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «يەتتە سائەت ئۇخلاش» دېگەن قاراش ھەممە ئادەمگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، ئادەتتە ياشلار- ئۆسمۈرلەر يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلىشى كېرەك، ھامىلىدار ئاياللار سەككىز سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بالىلار ھەر كۈنى 10 سائەتتىن 12 سائەتكىچە ئۇخلىشى كېرەك. ئۇخلاش ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك، ئويغانغاندىن كېيىن ھاردۇقى چىققاندەك تۇيغۇدا بولسا، بەدىنى راھەت ھېس قىلسا، ئۈنۈملۈك ئۇخلىغان بولىدۇ.

  ئالتىنچى، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش لازىم. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كەيپىياتى خۇشال بولغاندا بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ماددا ئالمىشىش سەۋىيەسى يۇقىرىلايدۇ، چوڭ مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن تەمىنلەش يېتەرلىك بولىدۇ. بىز بەزىدە تەتۈر تەپەككۇر قىلىپ، شەيئىلەرگە ئۈمىدۋار مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، چېلىشىپ سۆڭەك سۇنغاندا، ئۆزىمىزنى قانچىلىك نەس باسقانلىقىنى ئويلىماي، پەقەتلا سۆڭەك سۇنغانلىقىنى، قىممەتلىك ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ قالمىغانلىقىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ