مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم - پەن فوندى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك

2019.09.04 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4 - سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم - پەن فوندى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  بۇ يىل دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم - پەن فوندى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. يىغىندىن ئىلگىرى، لى كېچياڭ فوند ياردەم بەرگەن ئاستروفىزىكا، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش، داۋالاش، بىيولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ئېرىشكەن مول نەتىجىلەرنى تەبرىكلىدى، «كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار» فوندىنىڭ ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى تېگىشكۈسىز رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى «كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار» فوندى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، دىڭ جۇڭلى، شۆ چىكۈن، جوۋ چى، يەن چۈنخۇا، ۋاڭ مېيياڭ، دىڭ كۈيلىڭ، لۇ كې، يۈەن ياشياڭ قاتارلىق فوند ياردىمىگە ئېرىشكۈچى سەككىز ۋەكىل سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدۇق. يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ، ئىختىساسلىقلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بولۇپمۇ ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادىيەت يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، زور كۈچ بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلقئارادىكى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ