مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

خې يىچېڭنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلەشنى قارار قىلدى

خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

2019.09.05 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4- سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ 3- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، خې يىچېڭنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خې يىچېڭنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇق نامزاتى سايلاش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلدى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋمىڭنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇق نامزاتىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر سايلىمى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، بۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە تامامەن ئۇيغۇن، ھەمدە بۇنىڭدا ئاشكارا، ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىنى نامايان قىلغان. خې يىچېڭ ئەپەندى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلىنىپ، ئاۋمىندىكى ھەر ساھەنىڭ خې يىچېڭ ئەپەندىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە قوللىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ