شى جىنپىڭ جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

2019.09.03 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيى 2- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەمدە ئۇلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ياراملىق بولۇش، قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى ھەم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ