شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى) ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلايلى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2019.09.04 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى) ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 3- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار قاتتىق ئىدىيەۋى چېنىقىش، سىياسىي چېنىقىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ماركسىزمنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىش مۇساپىسى كۈرەشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىگە تولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار كۈرەش داۋامىدا بارلىققا كەلدى، كۈرەش داۋامىدا راۋاجلاندى، كۈرەش داۋامىدا زورايدى. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلار ئەۋجىگە چىقماقتا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى مۈشكۈل ۋە ئېغىر بولۇپ، بىز بۇ جەرياندا تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە، شۇنداقلا بىر قاتار زور خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. پارتىيەمىز بېكىتكەن نىشان-ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ بوش ۋە داقا-دۇمباق چېلىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا بىز دۇچ كىلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلار بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىمىز. بىز دۇچ كىلىۋاتقان تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش، ھېچ بولمىغاندا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولۇشىمىز كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، كەسكىن ۋەزىيەت ۋە كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسى ئالدىدا تۇرغاندا، بىز چوقۇم ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىشىمىز، جەڭدە غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ