مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بەش خىل ئۇسۇل

دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى گو رۈي

2019.08.20 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەر گەپ قىلغاندا، ئىش قىلغاندا ناھايىتى بەك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە، ئەمما بەزىلەر ئەمەلىيەتتە ئىشنى يامان ئەمەس قىلسىمۇ، بىراق باشقىلارغا تەسىر كۈچى يوقتەك بىلىنىدۇ، باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ. كۆپىنچە چاغلاردا بۇنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، ھوقۇقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، يەنىلا ئۇنىڭ جاھاندارچىلىق قىلىش ئۇسۇلىغا كۆپرەك قاراش كېرەك. قانداق قىلغاندا باشقىلارغا تېخىمۇ زور تەسىر پەيدا قىلغىلى بولىدۇ؟

  بىرىنچى، كۆپرەك ياردەم قىلىڭ. باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ ياخشى چارىلەرنىڭ بىرى دەل قارشى تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش. كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشىلەر بارلىق كۈچى بىلەن ھەمكارلاشقۇچىلارغا ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق قىلىشى مەنپەئەت تۈسىنى ئالمىغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇلار تېرىغان ياخشىلىق ئۇرۇقى قارشى تەرەپتە جاۋاب قايتۇرۇش ئىستىكى پەيدا قىلىدۇ، ياردەم قىلغۇچىنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەندە، قارشى تەرەپ ياردەم بېرىشنى ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدۇ.

  ئىككىنچى، قارشى تەرەپنى دوستۇم دەپ بىلىش. نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان سودا ئەربابلىرىنىڭ بىر ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ سودىنى ئىشخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئەتىگەنلىك تاماق ياكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ھەل قىلىش. تاماق يەۋاتقاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتى ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ، بەلكى قۇرۇق پاراڭ سالىدۇ. بۇ قارىماققا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك «سودا مەسىلىسى» بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل ئىشەنچ ئورنىتىپ، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا بولىدۇ. كەلگۈسىدە ھەمكارلاشقاندا، قارشى تەرەپمۇ ئۇلارنى دوست ۋە ھەمراھ دەپ قاراپ، ئىشەنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى، «رەھمەت ئېيتىش» كارتىسى يوللاش. ياخشىلىق ئۆزئارا بولىدۇ. ئەگەر سىز دائىم پۇرسەت تېپىپ، باشقىلارغا بەزى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، بەزى ئاكتىپ ئىشلارنى قىلسىڭىز، ئۇنداقتا كېلەر قېتىم سىز قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، قارشى تەرەپنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇش ئېھتىماللىقى كۆپرەك بولىدۇ. دوستلار ۋە ھەمراھلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا قائىدە-يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىش، دائىم ئانچە- مۇنچە ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، ئۇلارغا بىر قىسىم رەھمەت كارتىسى، تۇغۇلغان كۈن تەبرىك كارتىسى ئەۋەتىش، ئادەتتە ئۇلار قىزىقىدىغان بەزى مەزمۇنلارنى بايقاپ، ئۇلارغا ئەۋەتىپ، كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، بەدەل تۆلىگۈچى بولۇش. تەسىر كۈچى بار ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ھەمىشە ھىيلە ئىشلىتىشكە، زىيان تارتىشتىن قورقۇپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەم بەك ئەقىللىق، بىر مەزگىل ئارىلاشسىلا قارشى تەرەپنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياكى يالغاندىن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. سەمىمىي بەدەل تۆلىگەنلەرلا ئىشەنچ ۋە ھىمايىگە ئېرىشىدۇ، بىر قانداق پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تۇيۇقسىز خۇشامەت قىلىدىغان، باشقىلارغا ياخشىچاق بولىدىغان كىشىلەر ئىجابى ئىنكاسقا ئېرىشەلمەيدۇ.

  بەشىنچى، قەلبىدىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ھەمبەھىرلەش. بەزىدە ئۆزىنىڭ بەزى ئاجىزلىقىنى، ھەتتا بەزى ئوڭايسىزلانغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاشكارىلاش قارشى تەرەپكە تېخىمۇ چىن ۋە سەمىمىي تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتنىڭ يېقىنلىشىشىغا پايدىلىق. قەلبىڭىزدىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ھەمبەھىرلىگەندە، كىشىلەر سىزنى سەمىمىي، ئىشنى بېرىلىپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە باش قېتىنچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ دەپ قارىغانسېرى، سىزنى شۇنچە بەك ئىنسانىي سېھرىي كۈچى بار، دەپ قارايدۇ، سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ئاڭلاشنى شۇنچە خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ