مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ مۇنەۋۋەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.08.30 16:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ مۇنەۋۋەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى قۇرغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 29-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلاش كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن، ئۇ تېخىمۇ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ دەۋرنىڭ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نىڭ مۇھىملىقىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا تونۇپ يېتىشنىڭ نەتىجىسى. ئۇ تەقدىرلەنگۈچىلەرنى تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيۈش، كەسىپنى قەدىرلەشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى، شەخسىي ئارزۇ بىلەن جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلەشتۈرۈشنى؛ تىرىشىپ قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇننى چۈشىنىپ، قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن بازار قائىدىسى ۋە كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ھۆكۈمەت-سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى؛ تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقەتچىلىكنى چىڭ ساقلاپ، ھۈنەرۋەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ جۇڭگو ئىجادىيىتىگە، جۇڭگو سۈرئىتىنىڭ جۇڭگو سۈپىتىگە، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو ماركىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ تىرىشىپ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئىشەنچكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق يارىتىپ ھەم ئەخلاققا ئىگە بولۇپ، باي ھەم مېھرىبان، باي ھەم مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئوبراز يارىتىشنى تەلەپ قىلدى..

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ