مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

2019.08.20 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 16-ئاۋغۇست «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلدى، تەلىم-تەربىيەنىڭ مەزمۇنى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرى ئىزدىنىپ چىقىلدى، ئاخىرقى سۆز قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنىڭ ئاساسى جەڭ مەيدانى. بىر مەزگىلدە، شىنجاڭ تېررورىزم، دىنى ئەسەبىيزىمنىڭ چوڭقۇر زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى. شىنجاڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم، دىنى ئەسەبىيزىمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنىمۇ كۈچلۈك قوغدىدى. بۇ ئۇسۇل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي روھى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىغا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتى تېررورىزم، دىنى ئەسەبىيزمنى مەنبەدىن يوقىتىش بولۇپ، بۇ ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ب د ت نىڭ يەر شارىۋى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (288/60) ۋە «زوراۋانلىق، ئەسەبىيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش» (674/70) قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ