مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىغا شىنجاڭدا تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇتتى

ئۈنۈملۈك تەدبىر، كۈچلۈك ئىنكاس

2019.08.19 14:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى: ئاق تاشلىق كىتابتا نۇرغۇن پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى قۇرۇپ، تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىردۇر. ئۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ۋە پايدىلىق تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىپ، بەزى غەرب كۈچلىرىنىڭ قارا چاپلىشىغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە ئوبيېكتىپ ۋە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقى، ھەمدە كادىرلار ۋە ئاممىغا شىنجاڭدا كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇتتى.

  شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىشېڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى مەرھابا ئەركىن مۇنداق دېدى: "مەن بىر مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق دەپ قارايمەنكى، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى پىتنە-ئىغۋا ۋە قارا چاپلاشلارغا كۈچلۈك زەربە بەردى."بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بىر قىسىم كىشىلەر تېررورچىلىقنىڭ، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرى ۋە تەھدىتىگە ئۇچراپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتنىشىپ، جەمئىيەتكە زور زىيان يەتكۈزگەن ئىدى. دىنىي ئەسەبىيلىكنى بىر كۈن يوقاتمىغاندا، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇش تەس بولىدۇ، شۇڭا، تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش بەك زۆرۈردۇر. ھازىر شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدا زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

  غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى لى چاڭلىن مۇنداق دەپ قارىدى: شىنجاڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋاقتى ئۇزۇن، تەسىر دائىرىسى كەڭ، دېلوغا چېتىشلىق خادىملار كۆپ، زەھەرلەش دەرىجىسى چوڭقۇر بولۇشتەك كەسكىن ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى جۇڭگو قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، «ب د ت دۇنيا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى»، «زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپى ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى بولسا، بىر خىل مەكتەپ خاراكتېرىگە ئىگە جاي. ئۇنىڭدا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قارىتا، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئوقۇتۇش دەرسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەربىيىلەش مەركىزىدە كۇرسانتلارنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك مەلۇم تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلنۇر ئەيسا مۇنداق دېدى: مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان بىر كۇرسانت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنداق دەپ تەسۋىرلەيمەنكى، بۇ يەردە ئۆگىنىش ناھايىتى ئازادە، مەكتەپ تۇرمۇشى ناھايىتى كۆڭۈللۈك، مەكتەپتە قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچىسى، دوختۇر ۋە مۇلازىمەت باشقۇرۇش خادىملىرى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ نورمال ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىمىزغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى. قىش پەسلى سىنىپ ئىچىدە پار بار، يازدا شامالدۇرغۇچ بار، ياتاقتا تېلېۋىزور بار، مۇنچىدا ھەقسىز يۇيۇنغىلى بولىدۇ. داۋالاش بۆلۈمى كۇرسانتلارنى ھەر كۈنى 24 سائەت ھەقسىز داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئېغىر كېسەل بولۇپ قالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىدۇ. مەكتەپ يەنە دائىم مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، قانۇن مەسلىھەتچىلىكى ئىشخانىسى ۋە پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، كۇرسانتلارنىڭ قانۇن قاتلىمىدىكى قىيىنچىلىق ۋە گۇمانلارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۇرسانتلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ