مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كىرىل موڭغۇل يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلدى

2019.09.02 14:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۇلانباتور، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو - موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، موڭغۇلىيە دۆلىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتچىلىق - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»نىڭ كىرىل موڭغۇل يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ھەم جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلدى. موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى باتتۇلگا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جياڭ جيەنگو، جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭ، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېنكتۆبشىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرى سوكتۇباتېر، زۇڭتۇڭنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى تېگشىجىرغىل، موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ شۇجىسى باتۇئېنگىك قاتارلىق 260تىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى.

  زۇڭتۇڭ باتتۇلگا تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىلگىرىلەش يولىدا توپلىغان قارىشى ۋە تەجرىبىلىرى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن. موڭغۇلىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى تېخىمۇ پائال، چوڭقۇر راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

  جياڭ جيەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومى ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»تىن ئىبارەت ئىككى ئەسەردە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تومۇرى ۋە ئەمەلىيەت مەنبەسى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق. بۇنىڭ ئىچىدىكى خەلقنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئېسىل سەھىپىلەردە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە تەدبىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدە نەشر قىلىنىشى جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەرجىمە ساھەسى، نەشرىيات ساھەسىنىڭ جۇڭگو - موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا تەقدىم قىلغان كاتتا سوۋغىسى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ جانلىق ۋاسىتىسى.

  ئېنىكتۆبشىن، باتۇئېنگىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1- تومى ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش»نىڭ كىرىل موڭغۇل يېزىقىدىكى نۇسخىسىنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى موڭغۇلىيە دۆلىتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشىگە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ھۇزۇرلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  شىڭ خەيمىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو - موڭغۇلىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. رەئىس شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىنىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىدە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى جەزمەن ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشىدۇ.

  تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، ئىككى تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى ئورتاق ھالدا يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىغا ئىككى پارچە ئەسەرنى سوۋغا قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت ئالىملىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى ھەم بىرلەشمە تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

  8- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە، جۇڭگو تەرەپ يەنە ئۇلانباتوردا «جۇڭگونى كۆرۈش - ئاڭلاش، پۈتۈن يەر شارىدا كۆرسىتىش»نى موڭغۇلىيە دۆلىتىدە باشلاش ھەم «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى: جۇڭگونىڭ بۇ بەش يىلى» ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇش مۇراسىمى، «جۇڭگونى بىلىش» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى، سانسىر تۈرىنىڭ سۈزۈك تېلېۋىزىيە سىگنالىنى ئېچىش ھەم كەڭ بەلباغ كەسپىنى باشلاش مۇراسىمى قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ