مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.09.06 16:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى 5-سېنتەبىر نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەرەب ئەللىرى دەۋر ئېقىمى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇلتۇر 7-ئايدا، مەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىغان ئىدىم. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق سۇپا ھازىرلاپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يول ئېچىپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب ئەللىرى ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ