مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇش كېرەك

2019.09.05 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، خەلقئارا تارقىتىش بىرىنچى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن، جۇڭگونىڭ خەلقئارا تارقىتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە دوستلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى سىرتقا قارىتا جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، جۇڭگو ئاۋازىنى ياخشى تارقىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دەۋر ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، قۇدرەتلىك ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچكە ئىگە خەلقئارا تارقىتىش ئاپپاراتى قۇرۇپ، دۇنياغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ۋە دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ