مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

2019.09.06 14:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4- سېنتەبىر كەچتە تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.مەن پات ئارىدا جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلىدىغان 12- قېتىملىق زىيارىتىم ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا ئاكتىپ سىگنال بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مېركىلنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ