11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى

2019.09.09 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 8-سېنتەبىر خېنەن جېڭجوۋدا داغدۇغىلىق باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  قەدىمىي پايتەخت جېڭجوۋدا چىراغلار چاقناپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىدا ھەممە كىشى شاد-خۇراملىققا چۆمدى. ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانىدا 56 مىللەت بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەنى ياڭراتتى. سائەت 20دە ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ۋە نەق مەيداندىكى 40 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن دۆلەت بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۈتۈۋالدى. ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلىرى مىللىيچە كىيىنگەن بولۇپ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ۋە مەردانە قەدەم بىلەن كېلىۋاتاتتى. ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 30 سېكۇنتلۇق ئويۇن قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۈللۈكىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

  سائەت 20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاڭ ياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى! كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليوت گۈللىرى كېچە ئاسمىنىدا ئېچىلىپ، جېڭجۇ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.

  ئارقىدىن، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە ئىلگىرىلەش» باش تېما قىلىنغان ئېسىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى باشلاندى. ئويۇن «جۇڭخۇانى مەدھىيەلەش»، «رەڭدار خېنەن»، «ئارزۇنى قۇچاقلاش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى نامايان قىلىنغان، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەدھىيەلەنگەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالى نامايان قىلىنغان. ئويۇن ئاخىرىدا ھەر مىللەت قېرىنداشلار تولۇپ تاشقان ھېسىيات بىلەن بىرلىكتە «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى. مەيداندا يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە سىمۋول قىلىنغان «70» سانى پەيدا بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ئورتاق بەخت تىلىدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ۋاڭ ياڭ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى ۋە خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى . باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى «ئالىي مۇكاپات لوڭقىسى»نى بىرلىكتە كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۇ چۈەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر سۆز قىلدى. خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جۇڭۋېن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 9 كۈن داۋاملىشىدۇ، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە تەيۋەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 7009 نەپەر تەنھەرىكەتچى ئوقيا ئېتىش، بويۇندا ئارقان تارتىش، يەككە بامبۇك قېيىقى قاتارلىق 17 تۈرلۈك مۇسابىقە تۈرى ۋە 194 ئويۇن قويۇش تۈرى بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدە يەنە مىللىي بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ