لى جەنشۇ ئەزەربەيجان، قازاقىستان، رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
قازاقىستاندا 4-نۆۋەتلىك ياۋروپا-ئاسىيا دۆلەتلىرى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا، رۇسىيەدە جۇڭگو- رۇسىيە پارلامېنت ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
2019.09.17 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسىنىڭ رەئىسى ئاسادوۋ، قازاقىستان يۇقىرى پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەزەربايېۋا ۋە تۆۋەن پالاتانىڭ باشلىقى نىگماتۇرىن، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋوروكىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، رۇسىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە قازاقىستاندا ياۋروپا-ئاسىيا دۆلەتلىرى پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، رۇسىيەدە جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ