مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولۇش ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، دېدى

2019.09.17 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش − دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. دۆلەت تور بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە تور بىخەتەرلىكىنى خەلق ئۈچۈن قىلىشتا، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تور بوشلۇقىدىكى قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى مائارىپى، تېخنىكىسى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى، كېيىنكى ئەۋلاد ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش، ھەم قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەم، قائىدىلەردىن پائال پايدىلىنىپ، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىشنى يېتەكلەش كېرەك. بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولۇش بىلەن ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتنى چىقىش قىلىپ، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  2019-يىللىق دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 16-سېنتەبىر تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تور بىخەتەرلىكىدىكى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كەڭ خەلقنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش داۋامىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تۆتتە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تور بوشلۇقىدىكى جانىجان مەنپەئەتىنى كۈچلۈك قوغداش كېرەك.

  دۆلەت تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى 2014-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەشۋىقات ھەپتىلىكىدە «تور بىخەتەرلىكى خەلق ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكىدە خەلققە تايىنىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە تور بىخەتەرلىكى كۆرگەزمىسى، تور بىخەتەرلىكى تېخنىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، تور بىخەتەرلىكى باش تېما كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ