شى جىنپىڭ خېنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلغارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تېخىمۇ قالتىس گۈزەل سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىش لازىم

2019.09.19 13:47 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شىنشيەن ناھىيەسىگە جايلاشقان خۇبېي، خېنەن، ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشى داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تېخىمۇ قالتىس گۈزەل سەھىپىسىنى يارىتىش كېرەك.

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىدا مول ھوسۇل شادلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، ئۆلكە باشلىقى چېن رۇنئېرنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنياڭ، جېڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كونا ئىنقىلابىي رايون، يېزا، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  دابيېشەن رايونىدىكى شىنياڭ شەھىرى شىنشيەن ناھىيەسى خۇبېي- خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزى تۇرغان جاي. 16-چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئابىدىسى، خاتىرە سارىيىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قەھرىمانلار تېغىدىكى «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» باش تېما قىلىنغان ھەيكەلگە نەزەر سالدى. خاتىرە ئابىدىسى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەمدە ئۈچ قېتىم تازىم قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان پەرزەنتلىرىنى ياد ئەتتى. شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ بىرىنچى بېكىتى خۇبېي- خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونىنىڭ مەركىزى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىشنى مەقسەت قىلغان. مېنىڭ ھەر قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سورۇنلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشۈم پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ قانداق كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈندۇر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىزىل بايراقنى باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئەجدادلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈندۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ