مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇنىۋېرسال خەۋەر: چەت ئەللىك دوستلارنىڭ تۆھپىسىنى قەدىرلەپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى قەدىرلەيمىز

— خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلارغا ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەرگەنلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

2019.09.19 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو 17- چېسلا ئالتە نەپەر چەت ئەللىك سىياسىي ئەرباب ۋە خەلقئارا دوستلارغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ جۇڭگونىڭ بۇ زاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش، جۇڭگو-چەتئەل ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش قىياپىتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا بولغان ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى، دەپ قارىدى.

  پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇساشىد ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: «دوستلۇق ئوردېنى» ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تىنچلىق ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى.

  مالايسىيا جۇڭگو ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن تيەنلۇ مۇنداق دەپ قارىدى: «دوستلۇق ئوردېنى»نىڭ بېرىلىشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قوللاش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ قورساق بولۇش، ئېچىۋېتىش ۋە دۇنياۋى نەزەر دائىرىسىگە ئىگە بولۇشتەك دىپلوماتىيە خىسلىتىنى نامايان قىلدى.

  ھىندىستان نېھرو ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، خەنزۇشۇناس دى بوجيېنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ چەت ئەللىك زاتلارغا «دوستلۇق ئوردېنى» تەغدىم قىلىشى ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات دوستلۇق ئوردېنىغا ئېرىشكۈچى سىتىفىن پېررى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقارغان بۇ مەشھۇر زاتلارنى تەقدىرلىشى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.

  خەلقئارادىكى داڭلىق ئەقىل ئامبىرى شىللېر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامېرىكا خىيۇستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى برايىن رانتىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا پەخىرلىنىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. ھەقىقىي دوستلۇق تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  قازاقىستان مائارىپ - پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا كومىتېتى قارمىقىدىكى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنى ئىجتىمائىي-ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شىمۇشىكېف مۇنداق دېدى: «دوستلۇق ئوردېنى»نىڭ بېرىلىشى جۇڭگونىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىنى قوللىغان چەت ئەللىك زاتلارنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇلارغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلىدۇ.

  بىرازىلىيە ۋاگاس فوندى جەمئىيىتى باجۇڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئېۋاندرو كاۋاللو مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو چەت ئەللىك زاتلارغا «دوستلۇق ئوردېنى» بەردى. بۇ، جۇڭگونىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ